خىتاي نېفىت شىركەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىتىنى توشۇش ئۈچۈن يېڭى نېفىت تۇرۇبىلىرىنى ياسىماقچى

خىتاي دائىرىلىرى 2012-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە 724 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەبلەغ مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلار گۇرۇھى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كۆمۈرچىلىك، خىمىيە سانائەت ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ساھەسىدىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە سېلىنىدىكەن.

مەزكۇر گۇرۇھقا تەۋە شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق كۆمۈر، ئالتۇن ۋە باشقا كان بايلىقلىرى ۋە نېفىت تەبىئىي گازنى ئىلگىرىلەپ ئېچىش قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، «خىتاي كۈندىلىك» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىككى چوڭ نېفىت شىركىتى «پېترو چىنا» ۋە «سىنوپەك» 2012-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىتىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىرىگە توشۇش ئۈچۈن 7 نېفىت تۇرۇبىسى ياساشنى پىلان قىلغان. ھازىرغىچە، خىتاينىڭ 5 چوڭ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى ۋە 20 چوڭ كۆمۈرچىلىك شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلىشىپ بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرىدىكى شىركەتلەرنىڭ سالغان مەبلەغلىرىنىڭ «ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقىنى» تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى «ياردەم» دەپ ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. ئۇلار بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى تالان-تاراج قىلىشنى تېزلىتىش ۋە كۆچمەن كۆپەيتىشتىن باشقا يەرلىك خەلققە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.