بۇ مۇشۇ ئاي ئىچىدە نېگىرىيىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بولۇپ، ئالدىنقى قېتىملىقى 7-ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن. ئىككىنچى قېتىملىقتىمۇ خىتاي ئىشچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ بۈگۈن ئاخباراتقا ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ نېگىرىيىدىكى ئەلچىخانىسى، مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن نېگىرىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق خېتى سۇنۇپ، نېگىرىيىدىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن نېگىرىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، نېگىرىيە ھۆكۈمىتى خىتاي پۇقراسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگۈچىنىڭ نېگىرىيىدىكى «جامائەتۇل ئىخلاس» نامىدىكى بىر ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتايغا بولغان نارازىلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كۆپىنچە ئافرىقىلىقلار، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى يولسىزلىقلىرىدىن نارازى؛ ئافرىقىدىكى يەنە بەزى ئىسلامىي تەشكىلاتلار بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن نارازى. شۇڭا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىغا قارشى ھۇجۇملار ۋاقىت ئارىلاپ يۈز بېرىپ تۇرماقتا.