خىتاي "نوبېل مۇكاپاتى" سەۋەبىدىن نورۋېگىيە بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى مۇددەتسىز كېچىكتۈرگەن

نوبېل كومىتېتى بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تۈرمىدىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي-نورۋېگىيە سودا سۆھبىتىنى كېچىكتۈرگەن.

نورۋېگىيە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ سۆھبەتنى مۇددەتسىز كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ليۇ شاقۋبوغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىتاينىڭ نورۋېگىيىدىن ئۆچ ئېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

نورۋېگىيە سودا ۋەكىلىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، خىتاي نورۋېگىيىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، نورۋېگىيىگە بىلەن ئېلىپ بارىدىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئىچكى قىسىمدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى سودا سۆھبىتىنىڭ مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى تارقىتىلىشقا 10 كۈن قالغاندا ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبونىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى چەكلەپلا قالماي، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان مەملىكەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى زاتلارنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىنغان ئۆكتىچىلەردىن پەقەت بېيجىڭدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئورگىنى‏- ئەيجىشىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋەن يەنخەي قاتنىشىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا ئېمبارگو قۇيۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەردىن مۇراسىمغا قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلىشىغا قارىماي، نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇراسىمغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. نوبېل كومىتېتى مۇكاپات ئىگىسىگە تاپشۇرۇلمىسىمۇ، لېكىن مۇراسىمنىڭ " تەنتەنىلىك" ئۆتىدىغان مۇھىم مۇراسىملاردىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.