ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى 31-ئۆكتەبىر رەسمىي ئاياغلىشىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ 31-ئۆكتەبىر، لىۋىيە ۋاقتى 23:59 مىنۇت ئۆتكەندە رەسمىي ئاياغلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

لىۋىيىدە ھۆكۈمەتكە قارىشى نامايىش پارتلىغاندىن كېيىن، كازافىينىڭ قورال كۈچى ئارقىلىق ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش يولىنى تاللىغان. نەتىجىسىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتى لىۋىيىدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» بەرپا قىلىپ، كازافىي قىسىملىرىنىڭ بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىشتىن توسقان ئىدى.

كازافىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن يەكشەنبە كۈنى لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى لىۋىيىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، ئەمما سىرتە قاتارلىق بىر قىسىم رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ يەنىلا داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇ سەۋەبلىك لىۋىيە ۋەزىيىتى پۈتۈنلەي مۇقىملاشقىچە ناتونىڭ چىقىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئەينى چاغدا ناتوغا لىۋىيىدە ھەربىي ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشى ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر تەلەپنىڭ قايتىدىن ئاۋازغا قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ناتو لىۋىيىدىكى 7 ئايلىق ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا كازافىي قىسىملىرى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئون مىڭ قېتىمدەك بومباردىمان قىلغان.

ئەينى چاغدا، رۇسىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ھەرىكىتىگە قارشى چىققان ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەلچىسى سۇسەن رايىس خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەينى چاغدا توغرا قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە: تارىخ بىر كۈنى ناتونىڭ لىۋىيىدىكى ھەرىكىتىنىڭ شەرەپلىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دېگەن.