ئۇ سۆزىدە ياشلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن ئۆگىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلغان.
ئەمما ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش مەسىلىسى جەمئىيەتتە ئېغىر نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئوچۇق - ئاشكارا مىللىي كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدىمۇ يەر ئالغان. شۇنداقلا بۇ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۇر بەكرى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ھەققىدە ئالاھىدە چۈشەندۈرۈش بەرگەن.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ 5- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقتىن چۆچۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي كەمسىتىش ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرىدىكى ئايرىم-ئايرىم دوكلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقى مەخسۇس بايان قىلىنغان ئىدى.