نۇر بەكرىنىڭمۇ ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىنى 16 يىل سورىغان ۋاڭ لېچۈەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىنىڭمۇ ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خوڭكوڭدىن چىقىدىغان "مىڭپاۋ گېزىتى"دە كۆرسىتىشىچە، خىتاي مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئايدا چاقىرىلىدىغان "شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى" دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى قېتىملىق كادىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن. يىغىندىن كېيىنكى كادىر ئالماشتۇرۇشتا نۇر بەكرى يۆتكەپ كېتىلىپ، مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا مۇدىر قىلىپ تەيىنلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. نۇر بەكرى يۆتكەپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىپە تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇئاۋىن رەئىسلەردىن بىرى تاللىنىپ رەئىسى قىلىپ بېكىتىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقىنى ساقلاش رولىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇئاۋىن پارتىيە سېكرېتارى ياڭ گاڭنى بىڭتۇەنگە سىياسىي كومىسسار ۋە باش كوماندىر قىلىپ تەيىنلىگەن.

نۇر بەكرى ئۇيغۇر ئېلىدە رەئىس قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، "قوش تىل مائارىپى سىياسىتى" نى ئاكتىپ يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى خىتاي تىلىدىكى مەكتەپلەرگە قوشۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان رەئىسلەرنىڭ بىرى ئىدى.