بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، بېيجىڭدا نۇر بەكرى بۈگۈن مۇخبىرلارغا، 25 - فېۋرال كۈنى بېيجىڭدىكى ۋاڭفۇجىڭ كوچىسىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىدىغان دوقمۇشىدا ئۆزىگە ئوت قويغان ئۈچ كىشىنى 'ئۆيىنى چېقىپ مەكتەپ سالغانغا نارازى بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن سەۋەبسىز تۆلەم تەلەپ قىلدى، يولسىزلىق قىلدى' دەپ ئەيىبلىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، نۇر بەكرى ئۆزىگە ئوت قويغان كىشىنى ئۆزبېك، ئىسمى ھوشۇر مەمەت، بۇ ئائىلىدە 4 جان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچى مېيىپ، ئۇ 2002 - يىلىدىن باشلاپلا يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇپ كەلگەن ئىدى، بېيجىڭدا پىكاپ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئۆزىگە ئوت قويغان ئۈچ كىشى دەل مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئۈچ ئادىمى، ئۇلار نەق مەيداندىلا قۇتقۇزۇۋېلىندى، ھازىر ئۈچىلىسى ھايات، بەلكى ئاللىقاچان ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېتىلدى، دېگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئۆزىگە ئوت قويغان كىشىنى ئەيىبلەپ 'ھۆكۈمەت ئاللىقاچان 400 مىڭ يۈەن تۆلەم بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنىلا ھۆكۈمەتتىن ئەپۇ سوراشنى، خىزمەت بېرىشنى، ھەتتا ھۆكۈمەت ئۈستىدىن ئەرز قىلغان چىقىملارنىمۇ تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يولسىزلىق قىلىپ كەلمەكتە' دېگەن.