ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالىي سوتقا سۇنۇلغان ئەرزىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تەكلىپ بەردى

شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالىي سوتقا سۇنۇلغان ئەرزىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تەكلىپ بەردى.

2008 - يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا گۇەنتانامودا ئېشىپ قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى بوش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئوتتۇرا سوتىنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە سوتتا ئۇتقان ئىدى.

نەتىجىدە گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە بۇ ھەقتىكى سوتنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

شۇ جەرياندا، 2007 - يىلى ئۆكتەبىردە دېلوسى قاراپ چىقىلىپ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 4 نەپىرى بېرمۇدىغا 6 نەپىرى پالاۋغا يەرلەشتۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇەنتانامودا قېلىپ قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 2 نەپىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئالىي سوتقا ماتېرىيال يوللاپ، ياكى بۇ ئەرزنى بىكار قىلىش ياكى بولمىسا ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىنىڭ قارارىنى كۈچكە ئىگە قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.