ئوباما ئىران ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن تەنقىدلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما تۈنۈگۈن كەچتە ئىراننى قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن تەنقىدلىدى. لوس ئانجىلىس تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما تۈنۈگۈن كەچتە ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە 'ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى قوراللىق باستۇرۇۋاتقانلىقى دۇنيانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرمەكتە' دېدى ۋە 'ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق غەلىبىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس' دەپ قەيت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-24
Share

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىراندا 6 ‏ - ئاينىڭ 12 ‏ - كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى تۈنۈگۈن 17گە يەتكەندە، ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن بۈگۈن ئىراننى ئادەم تۇتۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ چاقىرىقىدا، ئىراندا 'خەلقنىڭ توپلىنىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى' گە ھۈرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ۋە ھەر تەرەپ ئىختىلاپلارنى تىنچ شەكىل بىلەن قانۇنلۇق ھەل قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.

ئىىران سايلىمىدىكى يەنە بىر نامزات كاررۇبىمۇ، نامايىشچىلارنى پەيشەنبە كۈنى تېھراندا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىشتا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنى خاتىرىلەشكە چاقىردى.

ئىراندا بىر قىسىم خەلق پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازى بولۇپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، بۇنداق نامايىشلار قوراللىق باستۇرۇلۇشقا يۈزلەندى. ئەمما نامايىش توختىمىدى. تۈنۈگۈن ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى خامېينىينىڭ ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسىملىرى نامايىىشچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىنمۇ نامايىش توختىمىدى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت