ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىراندا 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردا ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى تۈنۈگۈن 17گە يەتكەندە، ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمۇن بۈگۈن ئىراننى ئادەم تۇتۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ چاقىرىقىدا، ئىراندا 'خەلقنىڭ توپلىنىش ۋە پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكى' گە ھۈرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ۋە ھەر تەرەپ ئىختىلاپلارنى تىنچ شەكىل بىلەن قانۇنلۇق ھەل قىلىشى لازىملىقىنى كۆرسەتتى.
ئىىران سايلىمىدىكى يەنە بىر نامزات كاررۇبىمۇ، نامايىشچىلارنى پەيشەنبە كۈنى تېھراندا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نامايىشتا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنى خاتىرىلەشكە چاقىردى.
ئىراندا بىر قىسىم خەلق پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازى بولۇپ نامايىش قىلغاندىن كېيىن، بۇنداق نامايىشلار قوراللىق باستۇرۇلۇشقا يۈزلەندى. ئەمما نامايىش توختىمىدى. تۈنۈگۈن ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى خامېينىينىڭ ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسىملىرى نامايىىشچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىنمۇ نامايىش توختىمىدى.