ئوباما: 'ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنى كېلەر يىلى چېكىنىپ چىقىدۇ'
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.02.27
2009.02.27
لېكىن ئوباما، سانى 35 مىڭدىن 50 مىڭغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراق زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز قېلىپ، ئىراق ئارمىيىسىنى تەربىيىلەشكە قاتنىشىدىغانلىقىنى، 2011 - يىلى ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ئوباما ئىراقتىن چېكىنگەن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىشى مۇمكىن. ئۇ ئىلگىرى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، يەنە17 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئوباما سايلام جەريانىدا ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشكە ۋەدە قىلىپ، تەختكە چىقسا ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى 16 ئاي ئىچىدە چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا قوشۇن چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئىراقتىكى تەرەققىياتنى ماختىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، " ئالدىمىزدا يەنە قىيىن كۈنلەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى.
جۈمە كۈنكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ قەستى"ئىراقنىڭ تۇپرىقى ۋە بايلىقىدا ئەمەس"، دەپ تەكىتلىگەن ئوباما "سىلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىڭلار ۋە دۆلىتىڭلار ئۈچۈن تۆلىگەن غايەت زور بەدىلىڭلارنى ھۆرمەت قىلىمىز،" دەيدۇ. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلار ئوبامانىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈش پىلانىغا بەزى پىكىرلەردە بولماقتا. ئۇلار قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق ئىراقتا قالىدىغان ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.