ئوباما خىتاينىڭ پۇل قىممىتى مەسىلىسىدە توختالدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما دۈشەنبە كۈنى "خىتاي، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەش مەسىلىسىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنى تېخى تولۇق قىلمىدى" دېگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-09-20
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باراك ئوباما خىتاينىڭ ھازىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بېيىغانلىقىنى ۋە ئېكسپورت مىقدارىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن تەڭشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، خىتاينىڭ ھەر قېتىم ئېغىزىدا "ماقۇل" دەپ، بۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەيدىغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا چوقۇم ئادىللىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
 
 ئوباما بۇ سۆزلەرنى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئامېرىكىدىكى دۆلەت زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن سودا قانۇنىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىلىق كارخانىچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتايغا بۇ جەھەتتىكى بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت