فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باراك ئوباما خىتاينىڭ ھازىر ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بېيىغانلىقىنى ۋە ئېكسپورت مىقدارىنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ پۇل قىممىتىنى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن تەڭشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، خىتاينىڭ ھەر قېتىم ئېغىزىدا "ماقۇل" دەپ، بۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەيدىغان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا چوقۇم ئادىللىق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئوباما بۇ سۆزلەرنى، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئامېرىكىدىكى دۆلەت زىيارىتىنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن سودا قانۇنىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىلىق كارخانىچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خىتايغا بۇ جەھەتتىكى بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.