پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

پاكىستاندا 300 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق، پاكىستان ۋەتەندىشى ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ئىشتراك قىلىشى، خىتاي - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى قويۇقلۇق سەۋەبىدىن، ھەر خىل شەكىلدە چەكلىمىگە ئۇچراپ كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.06

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، پاكىستاندىكى ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى نامىدا تەشكىلات قۇرغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەدەنىي - ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا ئىدى. بۇ تەشكىلات بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئانا تىل مەكتىپى ئاچقان ئىدى. يېقىندا ئۇلار يەنە، مەكتەپتە كومپيۇتور مەشق سىنىپى ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بۇ يىلنىڭ بېشىدا 4 - فىۋرال غۇلجا ۋەقەسىنى، يېقىندا يەنە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن. پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا قارىغاندا، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىشى، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ پاكىستان ئەلچىخانىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پائالىيەتلىرىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق چەكلىگەندىن باشقا، تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىقمۇ توسۇشقا ئۇرۇنماقتا.

پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ قېتىمقى ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلىپ، روزا ھېيتىنى تەبرىكلىگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتايچە مەكتەپ ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھېيت زىياپىتىگە ئاز ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشقان. زىياپەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن ئالاقە قىلماسلىقى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ھەقتە پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئەلچىخانا خادىملىرى زىيارەت قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.