پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن جاۋابكار ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرىنى سوتقا چاقىرتتى

پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى دەۋاگەر ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى بىلەن جاۋابكار پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللىرىنى سوتقا چاقىرتقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.01.30

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تاپشۇرۇۋالغان چاقىرىقنامىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 31-كۈنى يەنى سەيشەنبە كۈنى، دەۋاگەر بىلەن بىلەن جاۋابكار سوتتا يۈز كۆرۈشىدۇ ۋە تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ شىكايەت ۋە شىكايەتكە قارىتا جاۋابلىرىنى بايان قىلىشىدۇ.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇللىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئىسىملىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چېگرادىن چىقىشى چەكلەنگەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن، مەزكۇر مىنىستىرلىق ئۈستىدىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پاكىستان ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان.

ئۆتكەن ئايدا مىنىستىرلىق سوتقا يازما جاۋاب ئەۋەتىپ، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ پاكىستانغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئامېرىكىغا قاچماقچى بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلغان. سەيشەنبە كۈنىدىكى سوتتا، تەرەپلەرنىڭ بايانلىرى سوتچىلار تەرىپىدىن يۈزتۇرانە ئاڭلاپ ئۆتىلىدۇ.

بۇ سوتتا ئاخىرقى ھۆكۈمنىڭ چىقىدىغان‏- چىقمايدىغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.