پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئەزرىگە ئاساسەن سوتقا چاقىرىلدى

پاكىستان ئالىي سوتى بۈگۈن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى سوتقا چاقىرىپ، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى سۇنغان ئەرزدىن خەۋەرلەندۈردى ۋە مىنىستىرلىقتىن ئەرزدىكى شىكايەتكە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى ئالدىنقى ھەپتە سۇنغان ئەرزىدە ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئېچىلغان شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش نامىدىكى يىغىنغا كېتىۋاتقىنىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن چېگرادىن ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى ۋە بۇ سەۋەبلىك كىشىلىك ۋە ۋەتەنداشلىق ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان ئىدى. ئالىي سوت جۈمە كۈنى دەۋاگەر تەرەپنى سوتقا چاقىرىپ، شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ چىققان ئىدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىي سوتنىڭ بۈگۈنكى يىغىنىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى شىكايەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن 4 كۈنلۈك مۆھلەت تەلەپ قىلغان. بۇ بويىچە ئالدىمىزدىكى جۈمە كۈنى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شىكايەتكە قارىتا ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرىدۇ.

مىنىستىرلىق ئەگەر شىكايەتنى رەت قىلغان ئەھۋالدا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي تەرەپنى داۋاغا چېتىش-چاتماسلىقى سوت جەريانىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر.