تيەنەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ سابىق رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىكەن
2012.05.18
بۇ ئۇنىڭ چەتئەلدىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىغا 3-قېتىم ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆركەش دۆلەت ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئەلچىخانىسى قولغا ئېلىشنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2010-يىلى خىتاينىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ رەت قىلىنغان.
جۇڭگو «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا، ئۇنىڭ 23 يىلدىن بۇيان ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ باقمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويۇلمىغانلىقىنى، ئۆركەشنىڭ بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئامېرىكىنى بازا قىلغان مەزكۇر تەشكىلات ئۆركەش دۆلەتنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى، دوكتور ياڭ جەنلى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئائىلىنى بىر-بىرىدىن بۇنچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىۋېتىشى، چېكىدىن ئاشقانلىق. بۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى. دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۆز خەلقىگە توغرا مۇئامىلە قىلمايدىغان ھۆكۈمەتلەردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك، دېگەن.
ئۆركەشنىڭ ئەلچىخانىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان بۇ ۋاقىت، «4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 23 يىللىقىغا 15 كۈن قالغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.