ئۆركەش دۆلەت: خىتاي چېگرىسىدىن كىرىشكە يەنە ئۇرۇنىمەن

تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ لىدېرلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت بۈگۈن تەيۋەندىكى بىر يىغىندا ئۆزىنىڭ خىتايغا كىرىش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆركەش دۆلەت ئاتا - ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن خىتايغا بېرىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتىقان. ئۇ مۇنداق دېگەن : "مەن چېگرىدىن كىرىشكە يەنە ئۇرۇنىمەن، ئۇلار مېنىڭ ئاتا - ئانامنى چەتئەلگە چىققىلى قويمايدۇ، بىز كۆرۈشمىگىلى 21 يىل بولدى. مېنى تۇتۇپ كەتسىمۇ مەيلى، ئاتا - ئانام مېنى تۈرمىگە كۆرگىلى كەلگەندە كۆرۈشسەكمۇ ھېساب" دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تئەنئەنمېن ۋەقەسىگە دائىر تېمىلاردىن ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى، ئۆركەش دۆلەت ئەگەر خىتايغا كەلسە تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ خەلقئارادا قايتىدىن قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، شۇڭا تيەنئەنمېن ۋەقەسى رەھبەرلىرىنىڭ ھېلىھەم خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئۆركەش دۆلەت ئىككى قېتىم خىتايغا بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان، ئەمما ھەر ئىككى قېتىم قايتۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.