ئۆركەش دۆلەت ياپونىيىدە تۇتقۇن قىلىندى

1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلماقچى بولغاندا، ياپونىيىلىك ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى.

ساقچى دائىرىلىرى ئۆركەشنىڭ باشقىلارنىڭ تۇرالغۇ جايىغا قانۇنسىز كىرمەكچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 ئەتراپىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى توساقتىن ئۆتۈپ ئەلچىخانىغا مەجبۇرىي كىرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە كيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆركەش خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، خىتايدا سوتلىنىشنى قوبۇل قىلماقچى ئىكەن. لېكىن ئەلچىخانا ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئەلچىخانىغا مەجبۇرىي كىرمەكچى بولغان. بۇ ۋەقە "4‏ - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى"نىڭ دەل 21 يىللىق خاتىرە كۈنى يۈز بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1989 - يىلى "4‏ - ئىيۇن ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۆركەش دۆلەت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. لېكىن خىتاينىڭ جۈمە كۈنى ئۆركەشنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

تەيۋەننىڭ توكيودىكى ۋاكالەتخانىسى ئۆركەشنىڭ جۇڭخۇا مىنگو پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر ئۆركەش تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا قانۇن يولغا قويغان دائىرىسدە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.