ئۇ، سۇ مەنبەلىرى قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئادىل ۋە چىرايلىقچە تەقسىم قىلىنىشى، تەرەپلەر، ئەندىشىلىرى سەۋەبلىك ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك دېگەن. ئۇ يەنە سۇ تالاش - تارتىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەم دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
تاجىكىستاندىكى نۇرەك ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ Rogun توسما پىلانى، ئۆزبېكىستاننى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئەتراپتىكى ئۆزبېكىستان تېرىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭسۇ مەنبەسىنى قىسىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە سۈركىلىش بولۇپ، ئۆزبېكىستان تاجىكىستانغا گاز ئېكىسپورت قىلىشنى بىر مەھەل توختىتىپ قويغان ئىدى.