ئۈرۈمچىنىڭ خېيجاسەن رايونى چېقىلىشقا باشلىدى

رادىئومىز ئالدىنقى ھەپتىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ۋە ئىگىلىگەن ئىنكاسلارغا ئاساسەن ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىرىدىن بىرى خېيجاسەننىڭ چېقىلىشقا باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۈگۈن فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتقان بولۇپ، خەۋەردە، خېيجىئاسەندە زور ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدىغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە ئىلى قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يەرلىشىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلار ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا، بۇ جايدىكى 200 مىڭ ئاھالىنىڭ باشقا جايغا كۆچۈرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خەۋەردە يېزىلىشىچە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پەن جىپىڭ "مەزكۇر جايدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ياخشى باشقۇرۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ئاسانلا توپىلاڭلارغا ئارىلىشىدىغانلىقى" نى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي دائىرىلىرى، خېيجىئاسەننىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

كۆزەتكۈچىلەر ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپ زىچ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مەھەللىرىنىڭ قەدەم - قەدەم يوقىتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاقلاشتۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا. تېخى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە مەۋجۇت بولغان ئۈرۈمچىنىڭ كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەھەللىلىرى ھازىر ئاللىبۇرۇن تارىخىي ئەسلىمىلەر قاتارىغا كىرىپ كەتكەن.