ئۆزبېكىستان رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا قارشى چىقتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.04
2009.08.04
مۇشۇ ئاينىڭ 1 - كۈنى ئىسسىق كۆل بويىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل دۆلەتلەر كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى جەريانىدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ، قىرغىزىستاندا رۇسىيە ھەربىي بازىسى قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدىغان ئەسلەتمىگە قول قويغان.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى ئۆزبېكچە خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ قوشنىسى قىرغىزىستان ھەم تاجىكىستانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە 1990 - يىلدىكى ئۆزبېك - قىرغىز ئۇرۇشىدىن بۇيان سوغۇقلۇق مەۋجۇت، ئىسسىق كۆلدىكى سۆھبەتتە باقىيېف ئۆزبېكىستان رەھبىرى كەرىموف بىلەنمۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقى مەلۇم.
قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم بىر ئورۇندا ھەربىي قوشۇنلارنى چېنىقتۇرۇش مەركىزى نامى ئاستىدا رۇسىيىنىڭ ئىككىنچى ھەربىي بازىسى ئېچىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا ئىدى.
نۆۋەتتە، بىشكەكنىڭ يېنىدىكى قەنت رايونىدا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى مەۋجۇت، رۇسىيە ئىككىنچى ھەربىي بازا ئاچىدىغان پەرغانە ۋادىسى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىنى باغلايدىغان بەلۋاغدۇر.
ھازىرچە، رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ نارازىلىق باياناتىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى نامەلۇم.