ئامېرىكا تىبەتلەرنى ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى يەنە تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكىتىگە پىكىر بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزنىڭ پىكرىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، خىتاينى چارە تەدبىر قوللىنىپ، تىبەتلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى ھەل قىلىشقا ئۈندىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.15

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: بىز ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتىمىز. بىز ئۆزىنى كۆيدۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقان تىبەتلەرنىڭ ئۆز پىكرىنى باشقا ياخشىراق يوللار ئارقىلىق ئىپادىلىشىگە چاقىرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىز يەنە، دائىم تەكىتلەپ كەلگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ خىل نارازىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تىبەت سىياسىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرىمىز.

بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 2‏-قېتىم تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدۇر.

ۋېكتورىيە نۇلاند مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلىشتىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، نېپالدا ياشايدىغان بىر تىبەت مۇھاجىر ئۆزىنى كۆيدۈرگەن. 21 ياشلار چامىسىدىكى بۇ تىبەتلىك ئۆلگەن بولۇپ، ئۇ 2009‏-يىلدىن بۇيان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلەردىن 101‏-كىشى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە بىر تەرەپتىن پەرۋا قىلمىغاندەك كۆرۈنۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق باستۇرسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

ۋېكتورىيە نۇلاند ئۆتكەن ھەپتە بىر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى دالاي لاما بىلەن سۆزلىشىشكە چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.