پاكىستاندىكى مىلىتانلار خىتاي ساياھەتچى ئايالنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

پاكىستاندىكى تالىبان مىلىتانلىرى ئالدىنقى كۈنى پاكىستاندا ئۆلگەن خىتاي ساياھەتچىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.03.01

سەيشەنبە كۈنى بىر نەپەر خىتاي ئايال ساياھەتچى پىشاۋەردىكى بازاردا ئايلىنىۋاتقاندا نامەلۇم كىشىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگەن ئىدى. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا قاتىللارنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ خىتاي ئايال ساياھەتچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن پاكىستاننىڭ داررا ئادامخېل رايونىدىكى تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ باياناتچىسى رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى ئۈستىگە ئالدى ۋە بۇ ھەرىكەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئۆلتۈرۈۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. يۇقىرىدىكى باياناتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىقتا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 20 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كېلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

پاكىستاندىكى تالىبان مىلىتانلىرى پاكىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق كۈچ. ئۇلار يەنە پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن قويۇق ئالاقىسى بولغان چەت دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى، ئورگان ۋە قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.