پاكىستان پرېزىدېنتى پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى مەسىلىسىدە خىتايدىن ياردەم سورىغان

بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا ياندىن قاتناشقان پاكىستان پرېزىدېنتى زەردارى پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش مەسىلىسىدە خىتايدىن ياردەم سورىغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.06.09


پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەزالىقى تېخىچە تەستىقلانمىغان. شۇڭا پاكىستان تەشكىلات يىغىنلىرىغا كۆزەتكۈچى سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك يىغىن بۇ ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە داۋام قىلغان.

بۇ جەرياندا ئەسىف ئەلى زەردارى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە مۇئاۋىن رەئىسى شى جىپىڭلار بىلەن كۆرۈشۈپ، پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ۋە ئۇنىڭدا كۆرۈلۈۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ پاكىستانغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاكىستان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكى. پاكىستان - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشكەندىن كېيىن، پاكىستان ئۆزىنى خىتاينىڭ قوينىغا تېخىمۇ قاتتىق ئاتقان ئىدى.

پاكىستاننىڭ خىتايغا تېخىمۇ يېقىنلىشىشى ۋە كۆپ ساھەلەردە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە موھتاج بولۇشى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قېيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.