پاكىستان دائىرىلىرى خىتايغا ھەمكارلىشىپ، پاكىستاندىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى قەشقەر ۋەقەسىدىكى ھۇجۇمچىلارنىڭ «پاكىستاندا تەربىيىلەنگەن ئىسلام رادىكاللىرى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئىسلام تېررورىزمى» بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.08.02

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

قەشقەردە ۋەقە چىققاندىن كېيىن، پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئەڭ كۈچلۈك جاسۇسلۇق ئورگىنى-پاكىستان مۇشتەرەك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتىنىڭ دىرېكتورى لېيتېنانت گېنېرال ئەھمەد شۇجاھ پاشانى دەرھال بېيجىڭغا ئەۋەتكەن. بۇ پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا خىتايغا يېقىندىن ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

پاكىستان-خىتاي ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى مۇشاھىد ھۈسەيىن سەيېد رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا: بىز پاكىستان تېررىتورىيىسىنىڭ باشقىلارغا بولۇپمۇ، يېقىن قوشنىمىز خىتايغا قارشى ھەرىكەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە يول قويمايمىز، دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ، يېقىندىن بۇيان، پاكىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە ئامېرىكىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقى، ئەكسىچە خىتاي بىلەن پاكىستان مۇناسىۋىتىدە زىيادە يېقىنلىشىش كەيپىياتى كۈچەيگەنلىكى، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە پاكىستاننىڭ ھەر ۋاقىت خىتايغا يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.