ب ب س'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېيىنكى 100 يىلدىن بېرى پاكىستاندا كۆرۈلگەن ئەڭ زور بىر قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتى بولۇپ، 1500 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىنالار، كۆۋرۈكلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. يول ۋە ئېتىزلار سۇ ئاستىدا قالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دەريا سۇلىرىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبلىك كەلكۈن پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى پەنجاب ۋە سىند قاتارلىق رايونلىرىغىمۇ تەھدىت قىلىشقا باشلىغان. پەنجابتىكى ئىندۇس دەرياسى توختىماي يامغۇر ياغقانلىقتىن ئۆرلەپ، ئېتىزلار سۇ ئاستىدا قالغان، مىڭلارچە كىشى ئۆيىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. سىندتىكى 350 مىڭ كىشى باشقا جايلارغا يۆتكەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كەلكۈن ئېغىر كەلگەن رايونلارنىڭ قاتناش، ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ، پاكىستانغا ياردەمگە كەلگەن قۇتقۇزۇش ئۆمەكلىرى ھاۋادىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
پاكىستاندا قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرى ھازىرغىچە پاكىستانغا 30 توننا قۇتقۇزۇش بۇيۇمى توشۇغان ۋە 800 دىن ئارتۇق كىشىنى بىخەتەر جايلارغا يۆتكىگەن.