پاكىستان ئىسلام ئابات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزىنى ئولتۇرۇۋىلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

پاكىستان ئىسلام ئاباتتىكى خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆزىنى ئولتۇرۇېىلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009-10-20
Share

پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار، ئۆزىگە بومبا تېڭىۋېلىپ، پارتلىتىشنى مەقسەت قىلغان 2 نەپەر قاتىل ئىكەن. ۋەقە ئىسلام ئاباتتىكى خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتتا يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاشتا ئاز دېگەندە 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى يارىدار بولغان.

ۋەقە يۈز بېرىپ ھازىرغىچە بىرەر تەشكىلات بۇ ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن. پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدىكى باياناتى بېرىلگەن.

پاكىستاندىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر،تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۇچۇن بۇ ھەپتە ئومۇميۈزلۈك دەرس توختاتقان ئىدى. بۈگۈن پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى تالىبان كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇمى 4 - كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى تۈنۈگۈن كېچىدىكى جەڭدە، 20 نەپەر تالىبان ئەسكەرلىرىنى يوقاتقانلىقىنى، شەنبە كۈنى باشلانغان ئومۇمى ھۇجۇمدىن بۇيان، 100 دىن ئارتۇق تالىبان جەڭچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت