پاكىستان 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەردى

پاكىستان دائىرىلىرى ۋەزىرىستان رايونىدىن تۇتۇلغان 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، پاكىستاندىن چىقىدىغان كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر "ئۇيغۇر جەڭچىلەر" نىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قوزغاش قاتارلىق بىر قىسىم ھەرىكەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رەھمان مالىك، پاكىستان پرېزىدېنتى ئەسىف ئېلى زەردارىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن خىتايغا مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە خىتاينىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى بىلەن " مۇھىم سۆھبەت" ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا بارىدىكەن.

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان بولۇپ، مەزكۇر سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پاكىستان دائىرىلىرى يۇقىرىقى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ھالبۇكى خەۋەردە، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ قاچان ۋە قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن قولغا چۈشكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلمىگەن.