پالاۋ مەزكۇر دۆلەتتىكى 6 ئۇيغۇرنى ئاۋستىرالىيىگە مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون توربىيوڭ ئاۋستىرالىيىدىن پالاۋدىكى 6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئاۋستىرالىيىگە مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ، تىنچ ئوكياندىكى بۇ ئارال دۆلىتىگە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.04

توربىيوڭ ئاۋسترالىيە رادىئوسىغا بايانات بېرىپ، "مەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن. توربىيوڭ يەنە پالاۋ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىدىكى بىر بەلدەم بولۇپ، مەسلە ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەركىنلىككە چىقىشىلا ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم بەھرىمان بولۇۋاتقان ئەركىن ھاياتتىن بەھرىمان بولۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەدھەم نەبى ئاۋستىرالىيىلىك ئىككى بالىسى بار بىر ئۇيغۇر خانىم بىلەن توي قىلغان بولۇپ، بۇ خانىمنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىپ كەتكەن ئىدى.

پرېزىدېنت توربىيوڭ ئاۋسترالىيە رادىئوسىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئاۋستىرالىيىگە مەڭگۈلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، "ئۇلار بۇ يەردە ئەركىنلىككە ئېرىشتى، لېكىن بىزدە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى يوق. سىزمۇ بىلگەندەك، جىسمانىي ئەركىنلىك يېتەرلىك ئەمەس. چوقۇم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتمۇ بولۇشى كېرەك" دېگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.