پاسپورت بېجىرىشتىكى يېڭى بەلگىلىمە ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان، 2012-يىل 1-سېنتەبىردىن باشلاپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن، چۇڭچىڭ، گۇاڭجۇ، شېنجىن قاتارلىق ئالتە چوڭ خىتاي شەھىرىدە ئىشلەۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بېيجىڭدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ6 شەھەردىكى باشقا يۇرتلۇقلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشىگە يارىتىپ بەرگەن قۇلايلىقلىرىدىن، ئۇيغۇرلارنى چەتتە قالدۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى ئەڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلار ۋە رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاسپورت بېجىرىشى بارغانچە ئاسانلاشتۇرۇلغان. ئەمما، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەتتە خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئوقۇش، ھەج قىلىش، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنى بارغانچە كۈچەيتكەن.