ئا ئۇ ب ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پاسپورت ئىشلەش مەسىلىسىدىكى كەمسىتىشكە دەرھال خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان پاسپورت ئىشلەش جەھەتتىكى كەمسىتىش خاراكتېرلىك بارلىق قىلمىشلارغا دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.08

باياناتتا: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق پاسپورت ئىلتىماسىنى بېجىرىپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سەۋەبسىز ۋە يولسىزلارچە مۇسادىرە قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇر پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك، دېگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىشنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئاتىكەم روزى ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى قىزغا پاسپورت بېرىشنى رەت قىلىشى چەتئەل ئاخباراتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، بۇ مەسىلە خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف باياناتتا مۇنداق دېگەن: بۇ خىل ئۆز قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئاشكارىلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ پاراۋانلىقىنى قوغداشقا تېگىشلىك بۇ كىشىلەرنىڭ دەل ئۆزى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا يېتەكچىلىك رول ئوينىيالايدىغان ياكى ئوينىيالمايدىغانلىقىغا نىسبەتەن سوئال پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مەزكۇر باياناتنى ج خ ئورگانلىرىنىڭ يېقىندا ئاتىكەم روزىغا پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى يۇرتىغا قىشلىق تەتىلگە بارغان ئاتىكەم روزىنى تۇتۇپ سوراق قىلغان. تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ 7‏-فېۋرال سائەت بىر يېرىمدە ئاتىكەمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا يەنە پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.