ب د ت دا پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنى ئېتىراپ قىلىندى

پەيشەنبە كۈنىدىكى خەلقئارا خەۋەرلەردە پەلەستىننىڭ ب د ت دا «نازارەتچى دۆلەت» بولۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.11.29

پەلەستىن رەھبىرى ئابباس 29-نويابىر پەيشەنبە كۈنى نيۇيوركتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا، پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا بولمىغان نازارەتچى دۆلەت بولۇشقا سۇنغان ئىلتىماسىنى قوللاشنى تەلەپ قىلىپ دوكلات بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابباسنىڭ بۇ تەلىپى ب د ت غا ئەزا بولغان 193 دۆلەتنىڭ 3 تەن 2 قىسمىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنى ئېتىراپ قىلىنىپ، ب د ت غا نازارەتچى دۆلەت بولۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغان.

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 27-نويابىر كۈنىدىكى يىغىندا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، پەلەستىننىڭ مەزكۇر تەلىپىگە قوللاپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەلەستىنگە نازارەتچى دۆلەت بولۇش سالاھىيىتى بېرىلىشى، گەرچە پەلەستىننىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، ئەمما بۇ، پەلەستىنگە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنالايدىغان شارائىتنى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىلتىماسقا ئىسرائىلىيە ئۈزلۈكسىز قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.