پەيزىۋاتتىن 50 نەپەر ئۇيغۇر قىزى شەندۇڭغا يۆتكەلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.09.15
2009.09.15
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، پەيزىۋاتتىن قىز ئىشچىلارنى يۆتكەش 2006 - يىلى باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 1000 دىن ئارتۇق ئىشچى مەزكۇر زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى ئىزچىل ھالدا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دەپ تەرىپلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر پائالىيەتچلىرى بولسا بۇنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلاش، بۇ ئارقىلىق ئاسسمىلىياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا، " ئەگەر ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ئوقۇش يېشىدىكى بىر بالا بەدەل پۇلىنى تۆلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالسا، ھەر قانداق بىر كىشى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانسا، بۇ شۇ جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى،" دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشى، ئالدىنقى ئايلاردا يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە شاۋگۈەن ۋەقەسىدىن توغرا دەرس ئالمىغانلىق دەپ قارالماقتا.