چىقتىم يېزىسىدىكى كان ۋەقەسىدە ئۈچ ئادەم ئۆلدى

ئۇيغۇر ئېلىگە دائىر مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 30 - ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 ئەتراپىدا پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىكى كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، يەنە ئۈچ ئادەمنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز ‏ - دېرىكى بولمىغان.

بۇ كان ۋەقەسىدە يەنە 8 كىشى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن كان پىچان ناھىيە بازىرىدىن 40 كىلومېتىر نېرىدا بولۇپ، مەزكۇر كۆمۈر كاندا 2003 - يىلى 12 - ئايدا گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 6 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىدەك ئېغىر پاجىئە كېلىپ چىققان ئىدى.

شۇ قېتىملىق كان ۋەقەسى كان باشقۇرغۇچى ھەم كۆمۈر قېزىشقا مەسئۇل خادىملارنىڭ، مەنپەئەت قازىنىشنىلا ئويلاپ ئىشچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى بىلەن كارى بولمىغانلىقتەك، مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، تۇرپان ۋىلايىتى ھەم پىچان ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك كادىرلارمۇ جازاغا ئۇچرىغان ۋە مەزكۇر كان دائىرىلەر تەرىپىدىن خەتەرلىك كانلار قاتارىدا تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، كېيىن خىتايدىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن قايتا ئېچىلىشقا باشلىغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى چىقتىم يېزىسىدىكى كان پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.