خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئويلاشماقتا

رويتېرسنىڭ 28-نويابىر خەۋىرىدە، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ ۋېيجىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي ياشانغانلارنى بېقىش مەسىلىسىدە زور رىقابەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بولغاچقا بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.11.28

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە، خىتايدا مەلۇم شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەر ‏-خوتۇننىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشىغا يول قويىدىكەن. بۇ خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن ئائىلىنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان جاڭ يەنە، پىلانلىق تۇغۇتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئايرىم رايونلارنىڭ ئوخشىمىغان ئەھۋالىغا قاراپ قەدەممۇ ‏-قەدەم يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

گەرچە بىر مىليارد 300 مىليونلۇق زور كۆلەمدىكى نوپۇسقا ئىگە خىتايغا نىسبەتەن نوپۇس كونترول قىلىش مۇۋاپىق دەپ قارالسىمۇ، ئەمما 1979 ‏-يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلگەن خىتاي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، نوپۇستىكى جىنسىيەت نىسبەت پەرقنىڭ زورىيىشى، ياشانغانلارنى بېقىش مەسىلىسىگە ئوخشاش ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن باشقا يەنە، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى. جاڭ ۋېيجىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ۋە بىر قىسىم خىتاي نوپۇس مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تەتقىقات دوكلاتلىرىنى يوللاپ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرلۈكىنى تەشەببۇس قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، خىتايدىكى نوپۇس تەڭسىزلىكى ۋە نوپۇسنىڭ جىنسى پەرقى كرىزىسى تۈپەيلى پىلانلىق تۇغۇتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى ئىلگىرىكى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدىمۇ ئوتتۇرىغا چۈشكەن بولۇپ، خىتاينىڭ شېنجېن، گۇاڭجۇ قاتارلىق ئىقتىسادى ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىي قىلغان قىسمەن رايونلىرىدا ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا يول قويۇش سىياسىتى 2010-يىلىدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى مەجبۇرىي ھالەتتە قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.