خىتاي، ئۇيغۇرلارغا 'مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئاز تۇغۇشقا كۆندۈرۈش' ئۇسۇلىنى قوللانماقتا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ماۋلىننىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2008 - يىلىدىن باشلاپ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنىڭ نىشانىنى ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قاراتقان بولۇپ، بۇ رايونلاردىكى دېھقان، چارۋىچىلارنى سىياسەت بۇيىچە ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، ئىككى ياكى بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشقا كۆندۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات مەبلىغى ئاجراتقان ۋە مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىلانلىق تۇغۇت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەت دېھقان، چارۋىچىلىرىغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە بەلگىلەنگەن ئەسلى ئۈچ پەرزەنتلىك بولۇشقا ھوقۇقلۇق دېھقان، چارۋىچىلار ئائىلىسى ھەر بىر پەرزەنتنى ئاز كۆرۈشكە قوشۇلسا، ئۈچ مىڭ يۈەندىن مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنى ئاز تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى جىددىي كونترول قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتىنى يەنىلا پىلاندىن يۇقىرى دەپ كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدا بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ %85 تىن يۇقىرىسىنى ئىگىلەيدىغان ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى بەكرەك تىلغا ئېلىۋاتقان بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن ئۆتكەن يىلىدىكى پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنىدا، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى نوپۇس كونتروللۇقىنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نوپۇس كونتروللۇقىنى رەھىمسىز رەۋىشتە مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان بولسا،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قاتتىق قوللۇق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.