يۈز مىڭغا يېقىن ئادەم پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا پولشا پرېزىدېنتى قاتارلىق 96 كىشىگە ماتەم تۇتتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.04.17
2010.04.17
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ماتەم تۇتقۇچىلار پولشا بايرىقى ۋە قارا لېنتىلارنى كۆتۈرۈشكەن بولۇپ، مەيدان ئوتتۇرىسىغا ياسالغان ئاق رەڭلىك سەھنىگە قازا قىلغان پرېزىدېنت لېچ كازينسكينىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ئېسىلغان ئىكەن.
مۇراسىمدا ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىكى ئۈنلۈك ئوقۇلغان. مۇراسىمغا سابىق پرېزىدېنت لېچ ۋالېسا، باش مىنىستىر دونالد تۇسك، ۋە نۆۋەتتىكى مۇۋەققەت پرېزىدېنت برونىسلاۋ كوموروۋسكى قاتارلىقلار قاتناشقان.
مەلۇم بولۇشىچە، 1940 - يىلى ئاپرېلدا ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن 20 مىڭ نەپەردىن ئارتۇق پولشا ئوفېتسىرلىرى ھازىرقى رۇسىيىنىڭ كاتين ئورمانلىقىدا قىرىپ تاشلانغان.
ئوتكەن شەنبە كۈنى پولشا پرېزىدېنتى لېچ كازينسكي ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن تەركىب تاپقان 96 نەپەر پولشا ئەمەلدارى كاتين قىرغىنچىلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن رۇسىيىگە بېرىش يولىدا ئايروپىلان قازاسىغا يولۇققان ئىدى.
رۇسىيە دائىرىلىرى پولشا پرېزىدېنتى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئەمما ئالاھىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. مۇراسىمغا رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.