ئۈرۈمچى-بېيجىڭ پويىزىدا مۇسۇلمان ئاشپەز بولماسلىقى نارازىلىق قوزغىدى

20-دېكابىر كۈنى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكىتى شىنلاڭ تور بېكىتىدە ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان (ت69、ت70)پويىزدا بىرمۇ مۇسۇلمان ئاشپەزنىڭ يوقلۇقى ئىنكاس قىلىنغان، «پويىزدىكى ھالال تاماقتا پەقەت تەخسىلا ھالال » ماۋزۇلۇق بىر يازما تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا نارازىلىق ئىنكاسلىرى قوزغىغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.12.21

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گەرچە بۇ يازما بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن شىنلاڭ تور بېكىتىدىن ئېلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال تورداشلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغاپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان ئىنكاسلار كۆپەيگەن.

بۇلاردا، پويىزدىكى يولۇچىلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر، خىزمەت ۋە ھەر خىل سەۋەب بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ماڭغان ئۇيغۇر يولۇچىلارنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى قاتتىق سوغۇقتا 2 سوتكا ئاچ قېلىش ياكى ئۆزى ئېلىۋالغان سوغۇچ يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە 40 سائەتلىك مۇساپىنى بېسىپ ئۆتىدىغان پويىزدىكى ئاتالمىش «ھالال ئاشخانا »دا بىرمۇ مۇسۇلمان ئاشپەزنىڭ بولماسلىقى، دائىرىلەرنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ ‏-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.