رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى مۇخبىرلارغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ۋەقەنى ئېنىقلاش ۋە خەۋەر قىلىش داۋامىدا، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى سورىماسلىق ۋە ۋەقەنىڭ تەسىلاتىنى بايان قىلماسلىقىنى بۇيرۇغان. دائىرىلەرنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشى مەلۇم بىر شەخسىي توربەت ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىپ كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
غەيرىي ئەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، خىتاينىڭ تېز سۈرئەتلىك قۇرۇلۇش پىلانىغا ئايرىلغان پۇلنىڭ، ئەمەلدارلار تەرىپىدىن قاقتى -سوقتى قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبتىن قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان.