خىتاينىڭ بەزى زىيالىيلىرى «پويىز ۋەقەسى» دىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

بەزى خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ «23‏-ئىيۇل تېز سۈرئەتلىك پويىز ۋەقەسى» دىكى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

پۇقرالار ھۆكۈمەتنىڭ 23‏-ئىيۇل ۋېنجۇدا يۈز بەرگەن تېز سۈرئەتلىك ئىككى پويىزنىڭ ئۆز-ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈش ۋەقەسىگە بەرگەن چۈشەنچىسى ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا قايىل بولمىغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاتاقلىق قانۇن پروفېسسورى خۇ ۋېيفاڭ توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنى ئاساسىي قانۇننىڭ 71-ماددىسىدا بېرىلگەن ھوقۇققا ئاساسەن ئالاھىدە تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش، ۋەقەنىڭ سەۋەبى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ جاۋابكارلىقى، خىتاي تۆمۈر يول تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتى ۋە تەرەققىيات شەكلىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىرغان.

لېكىن ئانالىزچىلار، ۋېن جياباۋنىڭ پەيشەنبە كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى قۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس دەپ كۆرسەتمەكتە.

لېكىن يەنە بەزى قانۇنشۇناسلار خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى قۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ئوبيېكتىپ ۋە بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى قىيىنلىقىنى بىلدۈرگەن.