خىتاي دائىرىلىرى شاڭخەيدىكى يەر ئاستى پويىز سوقۇلۇش ۋەقەسىنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا
2011.09.29
ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بېسىقتۇرۇپ، ئۇنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 27-سېنتەبىر كۈنى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن شاڭخەي يەر ئاستى پويىز باشقۇرۇش دائىرىلىرى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەق مەيداندا ۋاقتىدا تەدبىر ئالغان.
ئۇلار يەنە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ مۇنازىرە بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خەلقتىن كەچۈرۈم سورىغان. كەچۈرۈم خېتىدە «بۇ كۈن شاڭخەي تۆمۈر يول قاتنىشى تارىخىدىكى بىر قارا كۈن.
بىز ۋەقە تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغان خەلقتىن كەچۈرۈم سورايمىز ۋە بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارلىرىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز» دېيىلگەن.
ئەمما ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتمەيلا، تورغا قويۇلغان بۇ ئوچۇق خەت يوقاپ كەتكەننىڭ ئۈستىگە، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرىدە شاڭخەيدىكى پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىنى «يېنىك دەرىجىلىك پويىز سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان.
خىتاينىڭ ۋەقەنى يېنىكلىتىپ كۆرسىتىپ، ئۇنى بېسىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى خىتاي تور بەتلىرىدە كەڭ مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەردە «ھۆكۈمەت ۋېنجۇدىكى ۋەقەنى جىملا باستۇرۇۋەتكەنگە ئوخشاش، شاڭخەيدىكى ۋەقەنىمۇ جاۋابسىز قالدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ» دېيىلگەن.
بۇ يىل 7-ئايدا ۋېنجۇدا يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ، 40 كىشى ئۆلگەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، بۇ ھەقتە سۈرۈشتە ئېلىپ بېرىشنى چەكلىگەن ئىدى.
دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنى چىقىرىپ بەرمەسلىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى نارازى قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ئەمەلدارلار ئارىسىدىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم سۇ يۈزىگە چىقارغان ئىدى.