خىتاي دائىرىلىرى رابىيە قادىر ۋە دالاي لامانىڭ پراگا زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئاسىيادىكى تېنچلىق، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ناملىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگاغا يۈرۈپ كەتتى. جۈمە كۈنى باشلىنىدىغان بۇ يىغىنغا تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامامۇ قاتىشىدۇ.

بۇ يىغىن چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاكلاۋ خاۋېل تەرىپىدىن قۇرۇلغان "مۇنبەر 2000 فوندى جەمئىيىتى" تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ چېختا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىم ۋە دالاي لامانىڭ پراگاغا قىلغان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ باياناتچىسى چېن جيەنجۈن سۆزىدە: "بىز رابىيە قادىرنىڭ بۇ زىيارىتىگە قەتئىي قارشى، چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى بۆلگۈنچىلىكنى تەشۋىق قىلىش،" دېگەن.

ئەمما چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، رابىيە قادىرنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ نورمال بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى، بۇنى قانداقتۇ چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۆلگۈنچىلەرگە يان تاياق بولۇۋاتقانلىقى دەپ چۈشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

ئۇ يەنە، "ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش بىزنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ ۋە تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسى. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ ئوخشاشلا ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ،" دېگەن.