پرېزىدېنت ئوباما ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بەردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئامېرىكىدا ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرىگە ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بەردى. چارشەنبە كۈنى بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىدە سۆز قىلغان ئوباما "ئىسلام ئامېرىكىنىڭ بىر پارچىسى" دېدى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.03

پرېزىدېنت ئوباما سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەدەنىيىتىگە رەڭ قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ: "مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قوشقان تۆھپىلىرى سان - ساناقسىز. مۇسۇلمانلار بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ۋە دۆلىتىمىزدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە،" دېدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما سۆزىدە يەنە، ئىسلامنىڭ بۈيۈك بىر دىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىياتنى ياقىلايدىغان بىر دىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئوباما زىياپەتكە ئامېرىكىدا دەرس نەتىجىلىرى بىلەن شىتاتنىڭ نەتىجە رېكورىنى بۇزۇۋەتكەن مۇسۇلمان قىز بىلگىس ئابدۇلقادىرنىمۇ دەۋەت قىلغان بولۇپ، زىياپەتكە قاتناشقۇچىلارغا ئۇنىڭ دەرستىكى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە بۇ قىزدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەس، ھەممە كىشىنىڭ ئۈلگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيىتقان.

ئاقسارايدا بېرىلگەن ئىپتار زىياپىتىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى مۇسۇلمان ئەزاسى كېيىت ئېللىسون ۋە ئاندرى كارسونلار بىلەن بىرلىكتە، مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىمۇ دەۋەت قىلىنغان.

بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جورج بۇشمۇ 8 يىللىق ۋەزىپە مەزگىلىدە ئاقسارايدا ئىپتار زىياپىتى بېرىپ كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.