خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندى جەمئىيىتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.11.16
2009.11.16
خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە فوندىنىڭ رەئىسى ستراۇس كاھننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇپ, خىتايدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرسا، بۇ، دۇنيا پۇل - مۇئامىلە ساھەسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىشقا پايدىلىق ئىكەن.
ستراۇس كاھن بۇ ھەقتىكى پىكىرلەرنى بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان پۇل - مۇئامىلە مۇھاكىمە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، خىتاي رەئىسى بىلەن كۆرۈشكەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.
ئامېرىكا - خىتاي سودا ئالاقىسىدە، ئامېرىكا تەرەپتە ھەر يىلى قىزىل رەقەم كۆرۈلۈدۇ. ئامېرىكا سودىگەرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى قەستەن تۆۋەن تۇتۇش ئارقىلىق، خىتاي ماللىرىنىڭ تەننەرقىنى سۈنئىي ھالدا تۆۋەنلىتىپ، خەلقئارا بازاردا ئادالەتسىز رىقابەت ياراتتى دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئوتكەن 3 يىل جەريانىدا خىتاي پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى 20 پىرسەنت ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ئۆرلەش 2008 - يىلىدىن بۇيان توختاپ قالغان.
خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى مەسىلىسى، ئامېرىكا - خىتاي سودا دىئالوگلىرىدىكى سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىمۇ خىتاي تەرەپتىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.