ۋەقە ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر بەرگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇچۇرنى قامال قىلغىنى ئۈچۈن، كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۆز خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئات خەۋەرلىرىنى ئاساس قىلدى.
بۈگۈنكى خەۋەرلەردە، سەيشەنبە كۈنى قاغىلىق ناھىيىسىدە شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا، 10 ئادەمنىڭ پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئاممىنىڭ يارىلاندۇرۇلغانلىقى، ۋەقە سادىر قىلغۇچى ئىككى كىشىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، نۆۋەتتە ۋەقە سادىر قىلىپ قېچىپ كەتكەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. قاغىلىقتىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قاغىلىق ناھىيىسىدە قاتناش قامال قىلىنىپ، كونتروللۇق كۈچەيتىلگەن.