ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى

27- دېكابىر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرى قار ئاپىتىگە ئۇچرىدى. خىتاي ھاۋارايى ئىدارىلىرى مەزكۇر قار ئاپىتى ھەققىدە كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010.12.27

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قار ئالتاي ۋە بورتالا رايونلىرىدا بىر قەدەر ئېغىر ياغقان. قۇمۇل قاتارلىق رايونلاردا ياغقان قار ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ، مەزكۇر رايونلاردا 8 دىن 9 بالغىچە بوران چىققان. تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

"ئاسىيا كىندىكى" تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ياغقان قار يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، قاتناش، توك تەمىنلەش ۋە ئېلېكتر ئالاقىسىگە ئېغىر دەرىجىدە ئەكس تەسىر كۆرسەتكەن.

ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي رايونى ئېغىر قار ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەتتە مەزكۇر قار ئاپىتى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيان ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.