رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئىشچىلار نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى دائىرىلىرىنىڭ ئىشچىلارنى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىشقا ماقۇل قىلىشتا ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئىشچىلارنى خىزمەت ستاجىنى سېتىشقا قايمۇقتۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ۋەقەگە قاتناشقان بىر نامايىشچى پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا نامايىشنىڭ چارشەنبە كۈنى باشلانغانلىقىنى، پەيشەنبە كۈنى 2 - كۈنىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نامايىش جۈمە كۈنى يەنە داۋاملاشقان، لېكىن دائىرىلەرنىڭ ئىشچىلارغا قانداق جاۋاب بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
لېكىن، رادىئومىزغا مەلۇمات بەرگەن ليۇ فامىلىلىك يۇقىرىقى نامايىشچى ئىشچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ، ستاجىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش ۋەقەسىنىڭ 8 مىڭ نەپەر ئىشچىغا چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۇقىرىقى ئىشچى يەنە جۇڭگو نېفىت شىركىتى 5 يىل ئىچىدە 3% ئىشچىنى قىسقارتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن قارامايدا 30% ئىشچىنىڭ قىسقارتىلماقچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن قاراماي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى دائىرىلەر بولسا ۋەقە توغرىسىدا توختىتلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.