جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىكى پەيشەنبە كۈنى قايتىدىن نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە تالاش-تارتىش ياراتقان «جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى» پەيشەنبە كۈنى قايتىدىن نەشرىنى باشلىدى. گېزىتنىڭ بۈگۈنكى سانىدا نامايىشلار بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىدى، ئەمما باش ماقالىدە «كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئاخباراتقا قويغان چەكلىمىسى چوقۇم زامانغا ماسلىشىشى كېرەك» دېيىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.10

جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك ماقالىسى شۇ يەرلىك تەشۋىقات تارماقلىرى تەرىپىدىن رۇخسەتسىزلا ئۆزگەرتىلىپ، ئەسلىدە ئىسلاھات چاقىرىقى قىلىنغان ماقالە كومپارتىيىگە ئوقۇلغان مەدھىيىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلغاندىن كېيىن، گېزىتنىڭ تەھرى، مۇخبىرلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، نارازىلىق ھەرىكىتى باشلىغان ئىدى. كېيىن بۇ ھەرىكەتنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانى ئېشىپ، خىتايدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بىر ئاخبارات ئەركىنلىكى نامايىشىغا ئايلانغان ئىدى.

ئەمما فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېزىتنىڭ تەھرىر ۋە مۇخبىرلىرى يەرلىك كومپارتىيە تەشۋىقات دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئۇلاردىن گېزىت ئېلان قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى نازارەت قىلماسلىق ۋە خالىغانچە ئۆزگەرتمەسلىك ھەققىدە ۋەدە ئالغاندىن كېيىن ئىش ئورنىغا قايتقان ۋە پەيشەنبە كۈنى ئىشقا كىرىشكەن.

بۈگۈنكى باش ماقالىدە، خىتايدىكى ئىنتېرنېت قوللانغۇچىلىرىنىڭ ناھايىتى تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەمدى جامائەت پىكرىنى كونترول قىلىش ئۇسۇلىنى يېڭىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە «خىتاي لىللا گەپ قىلىدىغان جانلىق بىر ئاخباراتچىلىققا ئېھتىياجلىق» دېگەن.

بېيجىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مىن جياڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە جەنۇبىي جۇڭگو ھەپتىلىكى گېزىتىنىڭ بۇ نامايىشىغا باھا بېرىپ «خىتايدا ئاخباراتچىلىقىنىڭ ھۆكۈمەتتىن مۇستەقىل بولۇشى مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭ كونتروللۇقىغا چەكلىمە قويۇشتا بىر ئۈلگە يارىتىپ بەردى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.