خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نامى ئاستىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغان ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە -شەھەرلەرگە يۆتكەشكە باشلىغان ئىدى.
پىلان بويىچە، ئىككى يىلنىڭ ئىچىدە خىتايدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرگە بېرىپ قايتا تەربىيىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 22 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنى قايتا تەربىيىلەش نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىش پىلانىغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئىچكىرىدىن كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىش ئىمكانى يارىتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئۆزىدە 12 مىڭ 114 نەپەر ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 3000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ بولغان. پەقەت ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 1000 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى خىتاي ئۆلكىلىرىگە قايتا تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.